شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، يىغىننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، جەمئىي 249 نەپەر خىزمەت ئىلغارى مۇكاپاتلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن، 1100 كىشىدىن تەركىب تاپقان كادىرلار قوشۇنىنى، ئۈرۈمچىدىكى 160 مەھەللە رايونىغا تەشۋىقات خىزمىتى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان.
مەزكۇر كادىرلار قوشۇنى ئۈرۈمچىدىكى كوچا باشقارمىلىرىدا ئارىلاپ، خەلقنىڭ كەيپىياتنى ئىگىلەش، مۇقىملىققا يوشۇرۇن تەھدىت سالىدىغان ئامىللارنى تەكشۈرۈش ۋە كوچا باشقارمىلىرىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە ياردەمدە بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
بۇ نۆۋەت مۇكاپاتلانغانلار ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى خادىمى ئابدۇراخمان يۇنۇس قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە قانچە نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى نامەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەقەنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا دۆڭگىگەن ۋە نۇرغۇن ئادەمنى قولغا ئالغاننىڭ ئۈستىگە 30 غا يېقىن ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنىدى.