ئەسىرلەر بويى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدا مۇھىم مەزمۇنلاردىن بولۇپ كېلىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ بىرى، بىر ئايلىق رامىزاندۇر. تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئۆزىگە يارىشا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا رامىزان تۇتۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرمۇ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقى باشلانغان 2016-يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزانلىق ھەرقانداق پائالىيىتى تەدرىجىي ھالدا «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ قانات يايدۇرغان «رامىزان مەزگىلىدە تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى قايسى ئۆينىڭ چىرىغى يورۇيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش»، «رامىزان مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز تاماق ۋە سۇ تارقىتىش» قاتارلىق پائالىيەتلەر مىڭلىغان كىشىلەرنى لاگېرغا ۋە تۈرمىلەرگە بەند قىلغاندىن بۇيان، بۇ ھال ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى ھەممىلا كىشىگە تونۇشلۇق ھادىسىلەردىن بولۇپ قالدى.
ھالبۇكى، بۇنىڭغا روشەن سېلىشتۇرما بولىدىغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى 2024-يىللىق رامىزان باشلىنىش ھارپىسىدا غەرب دۇنياسىدىكى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەبرىكلىرى بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ باش كاتىپى ئانتونيو گۇتتېرېز (António Guterres) 10-مارت كۈنى كەچقۇرۇن ب د ت نامىدىن ئۆزىنىڭ رامىزانلىق تەبرىكىنى يوللاپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈرلۈك مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلار جامائىتىگە بولغان ئېزگۈ تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى «مۇشۇنداق بىر سىناق مىنۇتلىرىدا رامىزان روھى ئۈمىدلەر ئۈچۈن ماياك بولماقتا. شۇنىڭدەك بىزنىڭ ئورتاق ئىنسانىيلىقىمىزنى يادىمىزغا سالماقتا» دېگەن قۇرلار ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېنمۇ 10-مارت كۈنى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئۆز ئارزۇ-تىلەكلىرىنى يوللىدى. ئۇنىڭ باياناتىدا دۇنيا مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى قىيىن كۈنلەر قىسقىچە ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە ئامېرىكا تەۋەسىدە «ئىسلام ۋەھىمىسى» گە قىلچىمۇ ئورۇن يوقلۇقى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى مەزمۇن ئالغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. ئۇنىڭ بۇ يىللىق باياناتىدا ئېنىق قىلىپ، «مۇشۇ كۈنلەردە ئازاب تارتىۋاتقان مۇسۇلمانلار جامائىتىگە شۇنى ئېيتىمىزكى، بىز سىلەرنى كۆرمەكتىمىز؛ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلماقتىمىز، شۇنىڭدەك مۇشۇ خاسىيەتلىك ئايدا سىلەرگە ئامانلىق، ساقلىق ۋە بەرىكەت تىلەيمىز» دېيىلدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېنغا ئوخشاپ كېتىدىغان رامىزانلىق تەبرىكلەر يەنە كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدۇ (Justin Trudeau) نىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدىمۇ ئېلان قىلىندى ھەمدە كانادادىكى ئىككى مىليونغا يېقىن مۇسۇلمانلار جامائىتىگە، شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا رامىزانلىق سالام يوللاندى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شۇلتىز (Olaf Scholz) مۇ رامىزان ھارپىسىدا مۇشۇ خىلدىكى تەبرىك ۋىدىيوسىنى يوللىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.
شۇ قاتاردا تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەب تاييىب ئەردوغاننىڭ رامىزانلىق تەبرىكىگە يانداش ھالدا رامىزانلىق بايانات ئېلان قىلغان تۈركىيە دىنىي ئىشلار مىنىستىرى ئەلى ئەرباش (Ali Erbaş) ئالاھىدە قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئازاب چېكىۋاتقان، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ۋە قىيىن-قىستاقتا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا رامىزانلىق تىلەكلىرىمىز يار بولسۇن» دېدى.
ھالبۇكى، نەچچە ئون مىليونلىغان ساندىكى مۇسۇلمانلار جامائىتى ياشاۋاتقان خىتاي تەۋەسىدە ئالدىنقى يىللارغا ئوخشاشلا 2024-يىللىق رامىزان توغرىسىدا ھېچقانداق سۆزنىڭ بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ھەتتا خىتايدىكى «خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» نىڭ تور بېتىدىمۇ رامىزان ھەققىدە ھېچقانداق مەزمۇن كۆزگە چېلىقمايدۇ. ئەكسىچە، تور بەتنىڭ چوققىسىغا كۆپلىگەن ئىسلام ئۆلىمالىرى «ساختا ھەدىس» دەپ ھۆكۈم قىلغان «ئىلىم چىندا بولسىمۇ بېرىپ ئۆگىنىڭلار» دېگەن قۇرلارنىڭ چاپلاپ قويۇلغانلىقى دىققەت قوزغايدۇ. بۇنىڭغا روشەن سېلىشتۇرما بولىدىغان بىردىن-بىر بايانات ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنىس (Nicholas Burns) نىڭ رامىزانلىق يازما تەبرىكى، دېيىش مۇمكىن. بۇنىڭدا ئۇ قىسقىچە قىلىپ، «خىتايدا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا رامىزان ئۆتكۈزىدىغان بارلىق كىشىلەرگە رامىزانلىق سالام يوللايمەن» دەيدۇ.
ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، يېقىندا ئاياغلاشقان «ئىككى يىغىن» نىڭ ئاخىرقى كۈنىدە خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەلقئارا بۆلۈمى بولغان CGTN نىڭ مۇخبىرى لى جىڭجىڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پارتىيە سېكرېتارى ما شىڭرۈيدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى سىياسىي پىلانلىرى ھەققىدە سوئال سورىشى ھېسابلىنىدۇ. ما شىڭرۈي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭ يوليورۇق بەرگەن «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىگە گۈزەل ۋە بىخەتەر ھاياتلىق ماكانى يارىتىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۈينىڭ بۇ سۆزلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغىچە ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ، جۈملىدىن «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ۋە «ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نىقابلىرى ئاستىدا ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئېتىقادنى پاك-پاكىزە يوقىتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىمۇ ئەينەن ئىجرا بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسمۇ بۇ توغرىسىدا ئاشۇ خىلدىكى قاراشقا مايىل. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى خاتا قاراشنى داۋام قىلىشى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى زۇلۇملىرىغا سۈكۈت قىلىشى، ماھىيەتتە خىتاينىڭ خورىكىنى بەكلا ئاشۇرۇۋەتكەن ئامىللارنىڭ بىرى. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئەسكەرتىپ، ھېلىھەم بولسىمۇ بۇنىڭغا قارشى تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىش لازىملىقىنى تىلغا ئالدى.
رامىزان يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن مەلۇم بولۇۋاتقان تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ۋە چوڭلارنىڭ بىردەك «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسى» سىياسىتى بويىچە خىتايلارغا خاس مىللىي بايراملارنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزەرىدە نۆۋەتتىكى خىتايلاشتۇرۇش باسقۇچىنىڭ تېخى ئۇلار رازى بولغۇدەك دەرىجىگە بارمىغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.