خىتاي - ھىندىستان مۇناسىۋىتىدىكى نېگىزلىك مەسىلە يەنىلا چېگرا تالاش - تارتىشىدۇر. چېگرا ماجىراسى خىتاي - ھىندىستان ئوتتۇرسىدىكى يوشۇرۇن زىددىيەتكە ئايلانغان ئۆز - ئارا تەھدىت نەزەرىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەر زامان يەڭ ئىچىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە .
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 1962 - يىلدىكى خىتاي - ھىندىستان ئۇرۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما زېمىن دەۋاسى قىلىۋاتقان ئارۇناچال رايونى ئاللىقاچان ھىندىستاننىڭ ئەمىلى كونتروللىقىدا بولىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىپ، ھىندىستاننى 62 - يىلىدىكى ئۇرۇشنى قوزغىغان تاجاۋۇزچىلار دەپ زەردە قىلىشقا سەۋەپ بولماقتا.
ئەمما ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلىپ، 62 - يىلىدىكى ئۇرۇشتا خىتاينىڭ ھىندىستان زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنى ئاممىۋى سورۇنلاردا بايان قىلىپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.