خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە "سېرىق" ۋە "قانۇنسىز" نەشرىيات بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى چارشەنبە كۈنى " بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش" ۋە " سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش" نىڭمۇ بۇ يىلقى "سېرىق" ۋە "قانۇنسىز" نەشرىيات بويۇملىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق خىتاي خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىغا چەتئەلنىڭ "قانۇنسىز" مەتبۇئاتلىرى كۆپلەپ كىرىدىكەن. ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا جەمئىي 430 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق نەشرىيات بويۇملىرىنى مۇسادىرە قىلغان.
ئەمما چەتئەلدىكى بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "سېرىق" ۋە "قانۇنسىز" نەشرىيات بويۇملىرىغا زەربە بېرىش نامىدا، ھۆكۈمەت خالىمايدىغان بىر قىسىم دىنىي، تارىخىي ۋە سىياسىي كىتاب- ژورنال ، ئۈنئالغۇ ۋە سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەتتا شوتلاندىيە مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىنى تېما قىلغان "جەسۇر يۈرەك" ناملىق كىنو فىلىمىمۇ چەكلەنگەن.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلقى "سېرىق"ۋە "قانۇنسىز"نەشرىيات بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئىنتېرنېت تور بەتلىرى ۋە تورخانىلارنىمۇ تازىلاش ئوبيېكتى قىلىدىكەن. (ئارزۇ)