«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقىسى» گە چېتىلىپ 18 يىل يېتىپ چىققان ئابدۇسالام روزى يەنە 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەن

يىغىۋېلىش لاگېرىدا مېڭە يۇيۇش تەلىم-تەربىيەسى ئېلىۋاتقانلار.
يىغىۋېلىش لاگېرىدا مېڭە يۇيۇش تەلىم-تەربىيەسى ئېلىۋاتقانلار. (Social Media)

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجادا 1997 ‏-يىلىدىكى «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» گە چېتىلىپ تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەنلەر جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ بولغان بولسىمۇ، 2017‏-يىلىغا كەلگەندە ئومۇمىييۈزلۈك تۇتۇلۇپ قايتدىن كېسىۋېتىلگەن. مانا بۇلاردىن بىرى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ خۇداياريۈزى بازىرى قوتانتام كەنتىدىكى ئابدۇسالام روزى بولۇپ، ئۇ غۇلجا ناھىيەسىدىكى «پارتىيە مەكتەپ تەربىيەلەش مەركىزى» دە بىر يىلچە ياتقاندىن كېيىن، ئۆتمۈشتىكى ئاتالمىش «جىنايىتى» ئۈچۈن يەنە 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

جەمئىيەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا 2017‏-يىلى لاگېرلار قۇرۇلۇپ، سابىق مەھبۇسلار قايتدىن تۇتۇلۇشقا باشلىغاندا، غۇلجىدا 1997‏-يىلىدىكى «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» گە چېتىلغانلار گەرچە جازا مۇددەتلىرىنى تولۇق ئۆتەپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن قايتدىن تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ ئەھۋال 2017‏-يىلى يازدا غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر لاگېرغا تېلېفون قىلغان ۋاقتىمىزدا، لاگېردىكى نازەرەتچى خادىملار تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان. شۇ چاغدا مەزكۇر خادىمنىڭ دېيىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ غوللۇق بىر قىسمى سابىق مەھبۇسلار، تۇتقۇنلار ۋە گۇماندارلار بولۇپ، ئۇ نازارەت قىلىۋاتقان كىشىلەر ئارسىدا ئاتالمىش «جىنايىتى نىسبەتەن ئېغىرراق بولغانلار» دىن بىرى ئابدۇسالام روزى ئىسىملىك سابىق مەھبۇس ئىكەن. دىيىلىشىچە، ئۇ غۇلجا ۋەقەسىگە چېتىلىپ 1998‏-يىلى 18 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ۋە جازا مۇددىتىنى ئۈرۈمچىدىكى 1‏-تۈرمىدە تولۇق تۈگىتىپ چىققان بولسىمۇ، 2017‏-يىلىغا كەلگەندە بىر تۈركۈم دوست ۋە سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە قايتىدىن تۇتۇلغان. بىز يەنە شۇ چاغدىكى زىيارىتىمىزدە بۇ لاگېردا «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» گە چېتىلغان سابىق مەھبۇسلاردىن كىملەر بارلىقىنى سورىغان ئىدۇق، مەسئۇل خادىم ئۆزى مەسئۇل گۇرۇپپىدا 10 نەچچە كىشى بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر سابىق مەھبۇسلار بۇ لاگېردا ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئاتالمىش «جىنايىتى»، يەنى مەشرەپ ئوينىغانلىقى، نامايىشقا قاتناشقان ياكى قاتناشقانلارنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن قايتىدىن ئىپادە بىلدۈرگەن، ئۇلارغا پۇشايمان باياناتلىرى يازدۇرۇلغان. شۇ كۈنى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان نازارەتچى خادىم بىلەن سۆزلىشىش جەراينىدا «5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسە» مەھبۇسلىرىدىن ئابدۇسالام روزىنىڭ مەزكۇر نازارەتچى بىلەن قىلىشقان بىر قانچە ئېغىز سۆزىنى ئاڭلىغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىمىز بولمىغان ئىدى. شۇ چاغدا يەنە ئابدۇسالام ئاتالمىش دەرس ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ كەتكەن زالدىن تۇتقۇنلارنىڭ قەسەمنامە سادالىرى ئاڭلىنىپ قالغان ئىدى. نازارەتچى خادىم سابىق 5‏-فېۋرال تۇتقۇنلىرىنىڭ لاگېردىكى باشقا تۇتقۇنلار بىلەن بىرلىكتە، ھەر كۈنى ئەتىگەندە دەرس باشلاشتىن ئاۋۋال كوللېكتىپ ھالدا خىتاي دۆلىتىگە ساداقەت بىلدۈرۈپ، قەسەمنامە ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

يەنە ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، سابىق مەھبۇسلارنى قايتدىن جازلاش دولقۇنى ئەسلىدە 2014‏-ئىلى ماي ئېيىدا ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەركىتى» نىڭ بىر پارچىسى سۈپتىدە باشلانغان بولۇپ، شۇ چاغدا جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ چىققاندىن كېيىنمۇ يەنە خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارالغان، تولۇق ئۆزگەرمىگەنلىكى پەرەز قىلىنغان كىشىلەر قايتىدىن تۇتۇلغان ۋە كېسىلگەن. مەسىلەن، مەكىت ۋە پەيزىۋاتتىكى بىر قېتىملىق ئاممىۋىي سوتتا كۆپ ساندا سابىق مەھبۇسلار قايتىدىن كېسىۋېتىلگەن. 2017‏-يىلى لاگېر تۇتقۇنى باشلانغاندا بولسا سابىق مەھبۇسلارنىڭ ھەرقاندىقى، يەنى «ئۆزگەردى» ياكى «ئۆزگەرمىدى» دەپ قارالغان بولسۇن، ئوخشاشلا تۇتقۇن قىلىنغان.

مەلۇمكى، لاگېر تۇتقۇنىدا 1970-، 1980-، 1990‏-يىللىرى تۇغۇلغانلار، «خەتەرلىك ئەۋلاد» دەپ قارىلىپ تۇتۇلغانلار تۇتقۇنلار سانىنىڭ غوللۇق بىر قىسىمىنى تەشكىللىگەن. 5‏-فېۋرال ۋەقەىسگە قېتىلغانلار ئاساسلىقى 1970‏-يىللاردا تۇغۇلغانلار بولغاچقا بۇ قېتىمقى لاگېر تۇتقۇنىدا 5‏-فېۋرالغا قاتنىشىپ ئامان قالغانلار ئەمەس، مەزكۇر ۋەقە ۋە دەۋر شاھىدلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ زامانداشلىرىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك تۇتۇلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە سابىق 5 ‏-فېۋرال مەھبۇسلىرى، تۇتقۇنلىرى ۋە گۇماندارلىرىنىڭ ھېچقايسىسى قاماقنىڭ سىرتىدا قالالمىغان.

2019 ‏-يىلىنىڭ ئاخىرى لاگېردىكىلەر تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېسىۋېتىلىشكە باشلىغاندا، سابىق «5 ‏-فېۋرال» مەھبۇسلىرى ئېغىر كېسىلگەنلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، قايتا كېسىلگەنلەردىن سابىق «5‏-فېۋرال» مەھبۇسى ئابدۇسلام روزى يەنە 18 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ نۆۋەتتە شىخو تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇسالام روزى 1998‏-يىلى تۇنجى قېتىم 18 يىللىق كېسىۋېتىلگىنىدە 22 ياش، 2019‏-يىلى قايتا كېسىۋېتىلگەندە 43 ياش بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىنقى 23 يىللىق ھاياتىنىڭ بىر يىلىلا قاماقتىن خالى ئۆتكەن. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا ئۆيلىنىش ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش پۇرسىتى بولغان-بولمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.