ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ كۇرسنى ئېچىشتا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەشۋىقات ساھەسىدىكى قابىلىيەت ئىگىلىرىگە ئايلاندۇرۇش مەقسىت قىلىنغان.
تەربىيەلەش كۇرۇسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرىكتورى روشەن ئابباس سۆز قىلىپ، ياشلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتىكى رولىنى ۋە بۇ خىل كۇرسلارنىڭ كەلگۈسى تەشۋىقاتچىلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئىرېلاندىيە ئۇيغۇر مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرىكتورى نۇرىيە زەيدىن بۇ كۇرسنىڭ كونكرىت ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولدى.
تەربىيەلەش جەريانىدا مۇتەخەسىلەر ئالاقە تورىنى قانداق قۇرۇپ چىقىش ۋە دەۋا ئۈنۈمىنى قانداق ئۆستۈرۈش؛ چېگرا ھالقىغان بېسىملارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش؛ ناھەق قولغا ئېلىنغان ۋە ئادالەتسىز تۇتقۇن قىلنغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ دەۋاسىنى قانداق قىلىش؛ جامائەت پىكرى ۋە كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى چۇشىنىش ئارقىلىق، مۇھىم مەزمۇنلارنى جەمئىيەتكە قانداق يەتكۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئەمەلىي مىساللار بىلەن لېكسىيە سۆزلىدى.
مەزكۇر كۇرستا يەنە ئۈنۈملۈك ئالاقە، ھەرىكەت قوزغاش، تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.
