ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسى تەۋەسىدە ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە ئائىت زور كۆلەملىك ئاممىۋى مۇنچاخانىنىڭ خارابىسى تېپىلغان. خىتاينىڭ شىنخۇا تورى 18-نويابىر تارقاتقان خەۋەردىن قارىغاندا، ئۈچ يىل بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش نەتىجىسىدە ئارخېئولوگلار گۇچۇڭ ناھىيىسى تەۋەسىدىن ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى مەزگىلىدە، يەنى مىلادىيە 10-ئەسىر دە سېلىنغان زور كۆلەملىك ئاممىۋى مۇنچاخانىنىڭ خارابىسىنى بايقىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېڭىدىن بايقالغان قەدىمىي مۇنچاخانىنىڭ خارابىسى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي-شىمالىغا جايلاشقان ئىكەن. ئومۇمىي قۇرۇلمىسى مەركىزىي بۆلۈم ۋە شەرققە تۇتىشىدىغان كارىۋاتلىق بۆلۈم، شىمالىي مەركىزىگە جايلاشقان ئوچاق ئورنى ۋە سول ۋە ئوڭ تەرەپلەرگە جايلاشقان قۇدۇق قاتارلىق بۆلۈملەردىن تەركىب تاپىدىكەن. يۇيۇنۇش ئورنىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 400 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۇنى كارىدور رايونى، خىزمەت رايونى ۋە يۇيۇنۇش رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلۈشكە بولىدىكەن.
ئارخېئولوگلارنىڭ باھالىشىچە، بۇ ئىككى قەۋەتلىك مۇنچاخانا قۇرۇلۇشى تۆۋەنكى قەۋەتتىكى ئىككى يېپىق بوشلۇققا بۆلۈنگەن بولۇپ، تىرەك سۈپىتىدە خىش تايانچ تۈۋرۈكلەر ئىشلىتىلگەن ئىكەن، بۇ قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى «بىناكارلىق ئون كىتابى» دا «قۇرۇق يەر» دەپ ئاتىلىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئارخېئولوگلار بۇ خارابىلىقنىڭ ئېدىقۇت ئۇيغۇر دەۋرىدە شەھەر ئاھالىسى ئۈچۈن ياسالغان ئاممىۋى مۇنچاخانا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ موڭغۇل ئىمپىرىيەسى دەۋرىگە قەدەر رېمونت قىلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يۇيۇنۇش ئورنىدا قېزىۋېلىنغان ساپال قاچا، قازان، چاسا خىش ۋە باشقا بۇيۇملارمۇ شۇ دەۋرلەرگە تەۋە ئىكەن.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ياسالغان بۇ ئاممىۋى مۇنچاخانىنى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق بىر بەلگىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى مۇھىم بىر نامايەندە، دەپ قارىماقتا.