ترامپ، لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنى تىجارەتتە خىتاي ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىدىكەن

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتاي بىلەن سودا جەھەتتە قاتتىق تىركىشىۋاتقان بىر پەيتتە، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنى تىجارەتتە خىتاي بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت ترامپ كېلەر ھەپتە پېرۇنىڭ پايتەختى لىمادا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندا لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنى تىجارەتتە خىتاي بىلەن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ كانادا ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن «شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن تىجارەت كېلىشىمى» گە قايتا قاراپ چىقىش، بىرازىلىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولاتقا باج قويۇش قاتارلىق باشقا مۇھىم مەسىلىلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ يىغىندىكى ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە مەركەزلىشىدىكەن. ئۇ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئامېرىكىدەك ئۇلارغا ياخشى شېرىك بولالمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بەرگەن ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرگە قاراتقان ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى يىللاردىن بېرى بۇ دۆلەتلەرگە ھېچقانداق بىر ئەمەلىي مەنپەئەت بېرىپ باقمىغان ئىكەن.»

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ، ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ سانائەت، پەن-تېخنىكا ۋە دورا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 1300 خىل مەھسۇلاتىغا قارىتا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان ئىدى. ئارقىدىنلا خىتاي تەرەپمۇ ئامېرىكىنىڭ سېرىق پۇرچاق، ئاپتوموبىل، كالا گۆشى ۋە بەزى خىمىيە مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا چېگرا بېجىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» نىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.