شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تاشپولات تېيىپنىڭ ئىنىسى خىتاينىڭ ئاكىسى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاش پولات تېيىپنىڭ ئامېرىكادىكى ئىنىسى نۇرى تېيىپ 27‏-دېكابىر رادىيومىزغا بايانات بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تاشپولات تېيىپقا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئاكىسىنىڭ چېرىكلىك قىلىشى ياكى پارا ئېلىشقا چېتىلىشى مۇمكىن ئەمەس» ئىكەن. نۇرى تېيىپ بۇ سۆزلەرنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ27‏-دېكابىر ئېلان قىلغان تاشپولات تېيىپ ھەققىدىكى سۆزلىرىگە قارىتا ئېيتقان.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ تاشپولات تېيىپنىڭ مەخپىي سوتلانغانلىقى ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ «چېرىكلىك ۋە پارا ئېلىش گۇمانى» بىلەن تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ «قانۇن بويىچە قوغدىلىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي باياناتچىسىنىڭ سۆزى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىدارە-جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەردە قويۇلغان تاشپولات تېيىپ، خالمۇرات غوپۇر قاتارلىقلار ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش تەشۋىقات ۋىدېيوسى بىلەن بىردەك ئەمەس ئىكەن.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن يىلى 9‏-ئايدا ئېلىپ بارغان مەزكۇر تەشۋىقات ۋېدىيوسىغا دائىر ئېنىقلاشلىرىدا تاشپولات تېيىپ قاتارلىقلارنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

تاشپولات تېيىپ خىتاينىڭ 2017‏-يىلى باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىدا غايىب بولغان. ئۇنىڭ غايىب بولۇشى دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ، خەلقئارا ئىلىم ساھەسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي دائىرىلىرىغا خەت يېزىپ، تاشپولات تېيىپنىڭ ئاقىۋىتىگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

لېكىن گېڭ شۇاڭ باياناتىدا ب د ت نىڭ «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ۋە ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلىشىشتىن يىراق تۇرۇشى» نى تەلەپ قىلغان.

نۇرى تېيىپ رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا ئىككى ھەپتە ئاۋۋال ئاكىسىنىڭ 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ دەلىللەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ «مەن ب د ت غا خەت يېزىپ ياردەم سورىغان. ئاكامنىڭ چېرىكلىك قىلىشى ۋە پارا ئېلىشى مۇمكىن ئەمەس. خىتاي خەلقئارانىڭ دىققىتى ۋە بېسىمىدا ئاكامنىڭ ‹بۆلگۈنچىلىك› ۋە ‹تېررورلۇق› قا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مەيدانىنى ئۆزگەرتتى. مانا ھازىر ئاكامنىڭ چېرىكلىك ۋە پارا ئېلىش گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە،» دېدى.