ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەھبىرى ۋولكېسۋاگېن شىركىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە «ۋىجدانسىزلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي ۋە رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رېينخارت خېنز بۈتىكوفېر، ۋولكېسۋاگېن شىركىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىغا ياردەملىشىپ، «ۋىدانسىزلىق» قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكادىكى «سىياسەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيەلىك مەزكۇر سىياسىيون ئۈرۈمچىدە زاۋۇت ئاچقان گېرمانىيە ئاپتوموبىل شېركىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇامىلىسىگە قارشى تۇرمىدى، دەپ تەنقىدلىگەن. ۋولكېسۋاگېننىڭ ئىجرائىيە دەرىكتورى خېربېرت دەئىس ئۆتكەن يىلى ببچ غا خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ۋولكېسۋاگېن شىركىتى ئارقىدىنلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىگن بارلىقىنى رەت قىلغان ئىدى. بۈتىكوفېر «سىياسەت» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، «ۋولكېسۋاگېن…بىر ۋىجدانسىز شىركەت. ئۇنىڭغا ئوخشاش شىركەتلەر شىنجاڭدىكى ئىستىبداتلىق دوزىقىغا شېرىك بولۇۋاتىدۇ،» دېگەن. ئۇ يەنە ياۋروپا كومىسسىيەسىنى تەنقىدلەپ، ئامېرىكا خىتايغا قارىتا بەزى جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ بۇ ئىشتا كەينىگە تىرەجەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رېينخارت خەنز بۈتىكوفېر ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك كومىسسارى جوسېف بورېلغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئېغىر ۋە سىستېمىلىق» دەپسەندە قىلىشىغا ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلغان 70 دەك ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرى. بėتىكوفېرنىڭ «سىياسەت» گېزىتىگە تەكىتلىشىچە، ياۋروپا كومىسسىيەسى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە مۇۋاپىق قانۇنى قورال يوق، دېگەن «باھانەنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنماسلىقى كېرەك،» ئىكەن.