«قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتى (Safeguard Defenders) 25-فېۋرال كۈنى «خىتايدا غايىب بولۇش: خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم بېرىش قوللانمىسى» ماۋزۇلۇق دوكلاتىنى خىتايچە، ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە تىللاردا ئېلان قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ دوكلاتنى تەييارلاشقا بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ باستۇرۇشى ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان چەت ئەل پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى يوقاپ كېتىشكە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بىلەن تەمىنلىگەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە بۇ دوكلات توغرۇلۇق مۇنۇلار ئىلاۋە قىلىنغان: «بۇ قوللانما دۆلەتنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئەدلىيە سىستېمىسى ئالدىدا ئۆزىنى چارىسىز ھېس قىلىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈن يېزىلغان».
ئەگەر ئائىلە ئەزالىرىڭىز خىتايدا يوقاپ كەتسە، نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟
«قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتى تەييارلىغان بۇ دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «2012-يىلى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، خىتاي چەت ئەللىكلەرگە ئىشىكنى تەدرىجىي تاقاپلا قالماي، چەت ئەللىكلەرنى سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن ئوچۇق ئاشكارا تۇتقۇن قىلىش، ۋە گۆرۈگە ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بېيجىڭ بۇ دىپلوماتىيە دېلولىرىنى ئىشلىتىپ، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش ياكى ئۇلارنى جازالاشقا ئۇرۇنماقتا.»
دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ 2024-يىلى مايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنى» ۋە 2023-يىلى 7-ئايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق ئىككى مۇھىم قانۇننى يېڭىلىغاندىن بۇيان، كۈنسايىن گەۋدىلىنىۋاتقان بۇ خىل تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىنىڭ كۆپىنچە «دۆلەت خەۋپسىزلىكى» رامكىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكلاتتا «ئائىلە ئەزالىرى يوقاپ كەتسە قانداق نېمە قىلىش كېرەك» دېگەن سوئالغا قارىتا، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن يوقاپ كەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈش، كونسۇلخانا مۇلازىمىتى بىلەن ئالاقىلىشىش، ئالاقە تورى قۇرۇش ۋە يېتەكلىگۈچى تېپىش، كونسۇلخانا مۇلازىمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇچۇرنىڭ يېڭىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئاخبارات ئىستراتېگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق بەش تەرەپتىن مەسلىھەت ۋە ئەمەلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەنگەن.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلەنگەن: «بۇ بىر ئەمەلىي قوللانما، چۈنكى ئۇ خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى ئەينەن تەسۋىرلەنگەن، جۈملىدىن خىتايدا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ ياكى مۇستەقىل ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ كەمچىللىكى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى يېتەكلەش ئارقىلىق، ئۇلارغا قانداق تەييارلىق قىلىشنى، نېمىلەرنى تەلەپ قىلىشنى، كىمدىن ياردەم سوراشنى ئۆگىتىدۇ، شۇنداقلا باشقا يېقىنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ».
ھالبۇكى، «خىتايدا غايىب بولۇش: خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم بېرىش قوللانمىسى» دا، چەت ئەل پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غايىب قىلىنىش ياكى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قانۇنسىز سولىنىشىغا دائىر مەلۇماتلار بېرىلمىگەن.
لاۋرا خارت: «ئۇيغۇرلار خىتايدا غەيرىي-ئىنسانىي ۋە پەسكەش مۇئامىلىلەرگە ئۇچرايدۇ»
«قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى لاۋرا خارت (Laura Harth)، چەت ئەللەردىن ئۇيغۇر ئېلىگە قايتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئالىمىزغا بەرگەن يازما جاۋابىدا مۇنداق دېگەن:
«ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئىشخانىسىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا، بارلىق ھۆكۈمەتلەرگە ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىك ۋە چېگرادىن قوغلاپ چىقارماسلىق ھەققىدە ئېنىق تەۋسىيە بەرگەن. ئۆتكەن يىلى ب د ت نىڭ قىيناشقا قارشى تۇرۇش كومىتېتى، ماراكەشنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارارىنى كونترول قىلغان. ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش، ھەتتا كەڭ كۆلەمدە تاپشۇرۇپ بېرىش دېلولىرى توغرىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ساننىڭ نەچچە ئون مىڭغا يەتكەنلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى مەلۇم. 10 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان خىتايغا قايتۇرۇلۇش تەھدىتىدە ياشىغان تايلاندتىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ دېلوسى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق. قايتۇرۇلغان 40 نەچچە شەخس يۈزلىنىدىغان خەتەر ھامان مەجبۇرىي غايىب بولۇش، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇش، قىيناشقا دۇچ كېلىش، غەيرىي-ئىنسانىي ۋە پەسكەش مۇئامىلىلەرگە دۇچ كېلىش بولىدۇ، خالاس».
ماراكەش تۈرمىسىدە ئۇچ يېرىم يىلدىن كۆپرەك تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، ئاخىرى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ يېقىندا ئامېرىكاغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەن ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇش جەرياندا، «قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتى ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ خادىمى لاۋرا خارت مۇھىم رول ئوينىغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى: مەيلى قايسى دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم «قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى، ئۇ بۇ دوكلاتنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئېلىگە قايتقاندىن كېيىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئەمەلىي رول ئوينىيالىشىدىن ئانچە ئۈمىدلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
زۇبەيرە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى، مەيلى قايسى دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ياكى قايسى دۆلەتنىڭ پاسپورتىنى كۆتۈرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر مىللىي كىملىكى ئۇيغۇرلا بولىدىكەن، خىتاينىڭ ھامان ئۇلارغا ئەڭ قاتتىق كونتروللۇق ۋە ئېغىر جازالارنى قوللىنىدىغانلىقى ئېنىق ئىكەن. ئۇ ئۆزبېكىستاندىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى ئىكەن.
ئۆمەر بېكئالى: «ئۇيغۇرلار ئەڭ ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچرىماقتا، ئەمما بىز ھەق تەلەپلىرىمىزنى ھەرگىز توختاتمايمىز»
خىتاي تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلغان كۆپىنچە چەت ئەللىكلەر جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ياكى جەرىمانە تۆلىگەندىن كېيىن، دەرھال چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ئۆز ۋەتىنىگە قايتالايدۇ. ھالبۇكى، چەت ئەل پۇقراسى بولغان ياكى قوش دۆلەت پۇقرالىقىنى ئالغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەر خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، ئۇلارنىڭ تەقدىرى باشقىچە بولىدۇ. خىتاينىڭ 2017-يىلى كەڭ كۆلەمدە باشلىغان چوڭ تۇتقۇنى جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كانادا، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، مىسىر ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەتلەردىن يۇرتلىرىغا قايتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكى ياكى جازالانغانلىقى بۇنىڭ دەلىلىدۇر.
خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا 8 ئايلىق ئېغىر قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان، ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۆمەر بېكئالى، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا خىتاي جازا لاگېرلىرى ھەققىدە تۇنجى گۇۋاھلىق بەرگەن لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ كەچمىشلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، ھەتتا چەت ئەل پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەرنىمۇ خالىغانچە تۇتۇپ، جازالاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
ئۆمەر بېكئالى قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن، 2017-يىلى 3-ئايدا يۇرتى پىچانغا بارغاندا تۇتۇپ كېتىلىپ، جازا لاگېرىغا تاشلانغان. 8 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەندە، ئۇ ئورۇقلاپ 40 كىلوگرامغا چۈشۈپ قالغان. جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئۆمەر ئەپەندى بۇ زىيانكەشلىكنىڭ تەسىرىنىڭ ئۆزىدە ھازىرمۇ تۈگىمىگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
ئۆمەر بېكئالى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان بارلىق ساھەلەرنى خىتاينىڭ نۇقتىلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە؛ چەت ئەللەردىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ناھەقچىلىكلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن توختاپ قالماسلىققا چاقىردى.