ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى گلېن گلوتمان 13-ئىيۇل ئاۋام پالاتاسى دۆلەت خەۋپسىزلىك نازارەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى ستېفېن لىنچقا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە دەرھال گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

گلېن گلوتماننىڭ تەكىتلىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك نازارەت كومىتېتى گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىپ، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىنىڭ ئۇسۇلى ۋە كۆلىمىنى بېكىتىلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا قارىتا بارلىق چارىلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ قوشۇمچە قانۇنلارغا ئېھتىياجلىق ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ چىقىشى شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلمىشى ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئاشكارىلىشى كېرەك،» ئىكەن.

ئۇ ھازىر بۇنى ئاشكارىلاشنىڭ ۋاقتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. گلېن گلوتمان مەكتۇپىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇغماس قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىغا دائىر يېقىندا ئاشكارىلانغان دەلىللەرنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى، «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى لاگېرلارغا قاماشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىنى سىستېمىلىق يوقىتىپ كەلگەنلىكى، مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى يوقىتىش ۋە تۇغۇتنى چەكلەشكە كىرىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. گلېن گلوتماننىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەرىكىتى «بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇپ، بۇ دەرھال چارە قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.»

بىز 14-ئىيۇل گلېن گلوتمان بىلەن ستېفېن لىنچنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. ئۇلار زىيارەت تەلىپىمىزنى يازما ئەۋەتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. بىز زىيارەت ئىلتىماسىمىزنى ئەۋەتكەن بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى. گلېن گلوسماننىڭ مەكتۇپى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى شۇنداق ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدىكى بىر قىسىم ئەزالار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىلمىشىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە يېزىلدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتاينىڭ قىلمىشىنى ھۆكۈمەتنىڭ «قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشىنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. ئۇ 14-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ يېقىندا چىقىرىۋاتقان دوكلاتلىرىمىز، سۆزلەۋاتقان سۆز-ئىبارە ۋە باياناتلىرىمىزغا دىققەت قىلسىڭىز «قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. ھەم ‹قىرغىنچىلىق› دەپ تونۇشىنىمۇ مەن شەخسەن تەشەببۇس قىلىۋاتىمەن. لېكىن بۇ مەسىلىنى سىياسىي ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلامدۇ، دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلامدۇ ياكى قانۇنىي ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلامدۇ، بۇ پەقەت ترامپ ھۆكۈمىتى دىپلوماتلىرىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ۋە سىياسەت تۈزگۈچىلىرىنىڭكى پىلانلىشى ۋە ئىجرائاتىغا باغلىق.»

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس ئادرىيان زېنز يېقىندا ئايرىم-ئايرىم دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە بالا چۈشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ شىددەتلىك ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئادرىيان زېنزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ كونترول قىلىنىشى ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى بىر ئېنىقلىمىسىغا چۈشىدىكەن. ئۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىش ئىلتىماسىنىڭ مۇۋاپىق بىر تەلەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئادرىيان زېنز 14-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «يېڭى ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدىكى دەلىللەر، بولۇپمۇ تۇغۇتنى توختىتىشقا دائىر دەلىللەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ بىر ئېنىقلىمىسىغا چۈشىدۇ. پۈتۈن نوپۇسنى ياكى ئۇنىڭ بىر قىسمىنى ئازايتىش ۋە يوقىتىشنىڭ ئۆزى دىققەتكە تېگىشلىك قىلمىشتۇر. لېكىن بۇ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېيىشنى پەقەت قانۇنشۇناسلار بېكىتىدۇ. بۇ بىر قانۇنىي ئېنىقلىما. مېنىڭ بۇنىڭدىكى رولۇمنى پەقەت دەلىل بىلەن تەمىنلىگۈچى، دەپ قارايمەن. لېكىن بۇ توغرىسىدا گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىپ، ھۆكۈمەت قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دەلىللەر ئاساسىدا قانۇنىي ئېنىقلىما بېرىشى مۇۋاپىق.»

ئادرىيان زېنزنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ مەسىلىنىڭ خاراكتېرىگە قارىتا ئېنىقلىما بېرىش ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆتكەن ھەپتە ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ 78 نەپەر ئەزاسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقىغا مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىگە ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ خىل ھادىسىلەرگە ئېنىقلىما بېرىش تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى. شۇڭا مەن بۇ جەھەتتىكى گۇۋاھلىق يىغىنلىرىنى پايدىلىق، دەپ قارايمەن.»

يېقىندا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبيو، مىت رومنېي قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دەموكراتچى بولۇپ 78 نەپەر ئەزاسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن مالىيە مىنىستىرى مىنۇچىنغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئەمەسلىكىگە ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەلنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «قىرغىنچىلىق» ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىش ۋاقتى كېلىپ ئۆتۈپ كەتتى، دەپ قارايدىكەن.

نۇرى تۈركەل مۇنداق دېدى: «ۋاقتى كېلىپ ئۆتۈپ كەتتى، دەپ ئويلايمىز. چۈنكى بۇ مەسىلە دۆلەت مەجلىسىدە ئۇزۇندىن بېرى كۆڭۈل بۆلۈنۈۋاتقان مەسىلە. دۆلەت مەجلىسى يېقىنقى 3 يىلدىن بېرى پارتىيە ئايرىماي، ئىدېئولوگىيە ئايرىماي ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ناھايىتى مۇستەھكەم تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. گۇۋاھلىق يىغىنى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ھالقىلىق نۇقتىلارنىڭ بىرى. ئۇلار گۇۋاھلىق يىغىنى ئارقىلىق يېڭى پاكىت توپلاش ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت ئالىدۇ. شۇڭا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ خىل گۇۋاھلىق يىغىنلىرىنى بىر قېتىم ئەمەس، بىر قانچە قېتىم چاقىرىشىغا ئىشەنچىم كامىل.»

ئادرىيان زېنزنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. ئۇ دوكلاتىدا، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە 60 نەچچە % تۆۋەنلىگەنلىكى، بۇنىڭ قەشقەر بىلەن خوتەندە 84% گە يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ 14-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ گەۋدىسى ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئادرىيان زېنز مۇنداق دېدى: «(ئۇيغۇر) رايونىدىكى ۋەھشىيلىكنىڭ شەكلى ھەر خىل. بۇ لاگېرلارغا سولاش، تۈرمىلەرگە قاماش، ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەرنى ئايرىۋېتىش، تىل ۋە دىنىي ئېتىقادنى چەكلەپ، مەسچىتلەرنى تاقاش ۋە چېقىش دېگەندەك نۇرغۇن شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ھازىرقىسى نوپۇس گەۋدىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، تۇغۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنى چەكلەشتۇر. بۇ ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر بالداققا كۆتۈرۈلگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.»

ئاۋام پالاتا ئەزاسى گلېن گلوتمان مەكتۇپىدا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر نوپۇسى ھەققىدىكى دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايلارنى تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر نوپۇسىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تۇغۇت كونترولى، تۇغماس قىلىش ۋە بالا چۈشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئايدا ئېلان قىلىنغان يېڭى ئانالىزىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ سانلىقتىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىر قىسمىنى تېخىمۇ كۆپ پەرزەنت كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەبىھ ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ، مۇسۇلمانلار نوپۇسىنى ئازايتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە كىرىشكەنلىكى ئاشكارىلاندى،» دېگەن.