رۇنې ستېنبېرگ: «لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەل بولمايدۇ!» (1)

0:00 / 0:00

خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە خىتاينى تەنقىدلىشى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقاندا بۇنىڭ بىر تىپىك ئىپادىسى غەرب دۆلەتلىرىدىن 22 دۆلەتنىڭ خىتاينى ئەيىبلەپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشىدا ئەكس ئەتتى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھاللا تەدبىر قوللىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە 37 دۆلەتنىڭ ئورتاق ئىمزا قويۇشى بىلەن بۇنىڭغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى. كېيىنچە بۇ دۆلەتلەرنىڭ سانى 50 كە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئېغىزىدىن نۆۋەتتە لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ «جەمئىيەتنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكى» نى ئېلان قىلدى.

ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە بىر يۈرۈش مۇھاكىمىلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقىغا بولغان تۈرلۈك گۇمانلارغا ئەگىشىپ، لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىشى ھەققىدە بەزى قاراشلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. دانىيەنىڭ كوپېنخاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پوستدوكتۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رۇنى ستېنبېرگ (Rune Steenberg) نىڭ مۇشۇ تېمىدىكى ماقالىسىنى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن، دېيىشكە بولىدۇ.

رۇنىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېر تۇتقۇنلىرىنى قويۇۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى بايانلىرى كۆپلىگەن سوئاللارنى تۇغدۇرىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «لاگېرلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى» ھەققىدىكى داۋراڭلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قامىۋېلىشنىڭ مەڭگۈلۈك چارە ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، دېگەننى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلارغا بۇنچە كۈچەپ كېتىشى توغرىلىق سۆز قىلغان رۇنى مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىتاي بولمىغان خەلقلەرگە قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ قانداق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تاشقى دۇنيادىكىلەرگە داۋراڭ قىلىش بەكمۇ زۆرۈر. چۈنكى بۇلار خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئومۇمىي ئوبرازىنى تولىمۇ جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدىغان ئامىللار. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ش ئۇ ئا ر دا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىجابىي قىممەتكە ئىگە ياخشى ئىشلار ئىكەنلىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا تولىمۇ تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى تۇتقا قىلغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ خەلقئارادىكى ئىسلام ۋەھىمىسى ھەمدە بۇنىڭغا چېتىشلىق بىر قاتار مەسىلىلەر خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى زۇلۇم سىياسەتلىرىنى ئاقلىشىغا تولىمۇ كەڭرى باھانە بولۇۋاتىدۇ.»

لاگېرلار ھەققىدىكى غۇلغۇلا كۈچەيگەنلىكتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى «ئىتتىپاقداش» دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا تەكلىپ قىلىپ، ئېكىسكۇرسىيەگە ئورۇنلاشتۇردى. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ كۆرگەنلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققانلىرى بەكمۇ پەرقلىق بولۇپ، بۇلاردىن ئالبانىيەلىك مۇخبىر ئولسى يازېجىنىڭ بايانلىرى زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان ئىدى. بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا رۇنى مۇنداق دەيدۇ:

«مېنىڭچە مەيلى ‹قايتا تەربىيەلەش› مەركەزلىرى ياكى ‹كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى› گە بېرىپ، ئۇ يەرلەردە زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان مۇخبىرلار بولسۇن ياكى باشقا كىشىلەر بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ جايلار توغرىلىق بىرنەرسىلەرنى ئېلان قىلغان بولدى. ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ جايلاردا بولۇۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا ناھايىتى يۈزەكى ھادىسە بىلەنلا ئۇچراشقان. بۇنىڭدىكى بىرىنچى سەۋەب، شىنجاڭدا ئۇچۇر مەنبەسىگە يېقىنلىشىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ھەقىقىي ئۇچۇرلار تاشقى دۇنياغا چىقىپ كېتىپ قالمىسۇن، دەپ بۇنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردا نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا تاشقى دۇنياغا يەتكۈزگۈچىلەرنى قاتتىق جازالايدىغان بولغاچقا بىز ئۆزىمىزگە ‹ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن؟› دەپ سوئال قويۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ئاشۇ لاگېرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلغاندەك ياخشى ئىشلار داۋام قىلىۋاتقان بولسا ئۇ ھالدا ئۇچۇر مەنبەسىنى بۇ قەدەر قاتتىق كونترول قىلىش، شۇنىڭدەك ئاشۇ خىل ‹تەربىيەلەش› تە ئېلىپ كېتىلگەن ئادەملەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى قاتتىق يوشۇرۇش دېگەندەك بىر قاتار ئىشلارنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمايتتى.»

ئەمما رۇنىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى چەتئەل دىپلوماتلىرى ۋە مۇخبىرلىرى زىيارەت قىلغان ئورۇنلار ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسىنىڭ بىرلا ھالقىسى بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر «لاگېر» دېگەندە مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملارنى ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇۋالىدىكەن. گەرچە «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» كۆپ قىسىم كىشىلەرگە مەلۇم بولسىمۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە پەقەت شۇ تۈرلەردىن بىرىلا ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ:

«مۇشۇ خىلدىكى لاگېرلاردا يېتىپ چىققان كۆپلىگەن كىشىلەرنى مەن سائەت-سائەتلەپ زىيارەت قىلغان ئىدىم. بۇ جەرياندا كۆپلىگەن تەپسىلاتلار ئاشكارا بولغان ئىدى. دەرۋەقە، بۇ كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھازىرچە ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتماسلىقنى توغرا تاپتىم. ئەمما بۇ كىشىلەر ئاشۇ جايلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەر بولغاچقا ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى ناھايىتى ئىشەنچلىك، دېيىشكە بولىدۇ. مەن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغان شىنجاڭدىكى لاگېرلار سىستېمىسىدا ئۈچ خىل قاماق ئورنى بار. بۇنىڭ بىرىنچىسى، كۆپ يىللاردىن بېرى بىزگە مەلۇم بولغان تۈرمىلەردۇر. تۇتقۇن قىلىنغان ئومۇمىي ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۈرمىلەرگە قامالغان بۇ ئۇيغۇرلار سان جەھەتتە ئۇنچە كۆپ ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇلار ئاللىقاچان مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ بولغانلار. ئىككىنچىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى› دەپ ئاتاۋاتقان ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى›. بۇلار پۈتۈنلەي باشقىچە بىر خىلدىكى، ئوچۇق-يېپىقلىقىمۇ ئۆزگىچە بولغان بىر تۈرلۈك مۇئەسسەسەدەر. بۇ جايغا ئېلىپ كېلىنگەن كىشىلەر يىل-يىللاپ تۇرۇپ كېتىدۇ، بۇنىڭ قەرەلى ياكى چېكىمۇ بولمايدۇ. ئۈچىنچىسى، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى. بۇ جاي ‹قايتا تەربىيەلەش مەركىزى› ئەمەس. بۇ جايغا سىياسىي جەھەتتە گۇمانلىق بولغان، سىياسىي جەھەتتە ‹خاتا› بولغان قىلمىشلارنى سادىر قىلغان كىشىلەر توپلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ دېلولىرى بىر ياقلىق قىلىنىپ، سوتقا يوللاپ بېرىلگۈچە بولغان ئارىلىقتا مۇشۇ ئورۇنلارغا قامىلىدۇ. ئەڭ چوڭ جىسمانىي خورلاش دەل مۇشۇ خىلدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا يۈز بېرىدۇ. ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دە بىر قىسىم خورلاش قىلمىشلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەڭ چوڭ خورلاش تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا بولىدۇ. يەنە كېلىپ سىستېمىلىق ھەمدە تەشكىللىك ھالدا داۋام قىلىدۇ. سوراق قىلىش، يالغۇز كىشىلىك كامېرغا قاماش دېگەنلەرمۇ بۇنىڭغا قوشۇمچە مەزمۇن بولغان ھالدا رول ئوينايدۇ.»

ھالبۇكى، لاگېرلارنىڭ تاقىلىشى ھەققىدىكى باياناتلارغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. ئەمما ئىشەنچلىك ئۇچۇرلار بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ سان جەھەتتە يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قانچىلىك مۇددەتتە قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەمدە ھازىر قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكى دېگەنلەر نامەلۇم ئىكەن.