مۇقەددەس مىجىت: «سەنئىتىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە چىقىشىمىز كېرەك!»

26-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «تەسەۋۋۇر فېستىۋالى» (Festival de l'Imaginaire) دا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتكار سانىيەم ئىسمائىل(ئوڭدا) ۋە ئۇنى مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇشتا باشتىن-ئاخىرى زور كۈچ چىقارغان فىرانسىيەدىكى مۇزىكا تەتقىقاتچىسى مۇقەددەس مىجىت خانىم. 2023-يىلى ئىيۇن، پارىژ، فىرانسىيە.
26-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «تەسەۋۋۇر فېستىۋالى» (Festival de l'Imaginaire) دا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتكار سانىيەم ئىسمائىل(ئوڭدا) ۋە ئۇنى مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇشتا باشتىن-ئاخىرى زور كۈچ چىقارغان فىرانسىيەدىكى مۇزىكا تەتقىقاتچىسى مۇقەددەس مىجىت خانىم. 2023-يىلى ئىيۇن، پارىژ، فىرانسىيە. (Muqeddes Mijit teminligen)

0:00 / 0:00

1-ئىيۇندا فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە باشلانغان 26-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «تەسەۋۋۇر فېستىۋالى» ( Festival de l'Imaginaire) 11-ئىيۇن كۈنى ئاياغلاشتى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فېستىۋالنى «دۇنيا مەدەنىيەت سارىيى» (Maison des Cultures du Monde) 1997-يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. فېستىۋالدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن خەلق سەنئەتكارلىرى سەھنىدە ئۆز ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر فېستىۋال 26 يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى نامايان قىلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقان خەلقئارالىق سەھنىلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۇر فېستىۋالغا 6-ئىيۇن كۈنى قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتكار سانىيەم ئىسمائىل قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مۇقاملىرى ۋە خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ باھالىغۇچىلارنىڭ ۋە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

26-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «تەسەۋۋۇر فېستىۋالى» ( Festival de l'Imaginaire) دا فىرانسىيەدىكى مۇزىكا تەتقىقاتچىسى مۇقەددەس مىجىت خانىم ئۇسسۇل ئوينىماقتا. 2023-يىلى ئىيۇن، پارىژ، فىرانسىيە.
26-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «تەسەۋۋۇر فېستىۋالى» ( Festival de l'Imaginaire) دا فىرانسىيەدىكى مۇزىكا تەتقىقاتچىسى مۇقەددەس مىجىت خانىم ئۇسسۇل ئوينىماقتا. 2023-يىلى ئىيۇن، پارىژ، فىرانسىيە. (Muqeddes Mijit teminligen)

سانىيەم ئىسمائىل خانىمنى مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇشتا باشتىن-ئاخىرى زور كۈچ چىقارغان فىرانسىيەدىكى مۇزىكا تەتقىقاتچىسى، فىلىم رېژىسسورى مۇقەددەس مىجىت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ فېستىۋالغا قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىكەن. دولان مۇقامچىلىرى 2005-يىلى ۋە 2013-يىلى ئىككى قېتىم مۇشۇ فېستىۋالدا دولان مۇقاملىرىنى ياڭراتقان ئىكەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇقەددەس مىجىت خانىمنى بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق.

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.