پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكى» دە كۇچا ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى تاھىر ھەسەننىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى يېزىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى ۋە ئۇنىڭ چەتئەلدىكى ئاتالمىش «خەتەرلىك كىشىلەر» بىلەن تېلېفونلاشقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ئايدىڭلاشتى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەزكۇر «تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكى» دە كۇچا ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى تاھىر ھەسەننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى يېزىلغان. ئەمما ئۇنىڭ قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى بايان قىلىنمىغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇچا ناھىيەلىك دوختۇرخانا خادىملىرى تاھىر ھەسەننىڭ دوختۇرخانىدا بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خادىم دوختۇر تاھىر ھەسەننىڭ قاچان تۇتۇلغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، جاۋاب بەرمىدى. ئەمما خىزمەتدىشى تاھىر ھەسەننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى.
مۇھاجىرەتتىكى كۇچا ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى تاھىر ھەسەننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدىكى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ ھەقتە تاھىر ھەسەننىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئاكتىپ بىرى ئىكەنلىكى، كۇچادا جەمئىيەتتە خېلى تونۇلغانلىقى، بولۇپمۇ دىنىي ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى، بەلكىم ئۇنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسىدىن چاتاق چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلۇپ كەتكەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
كۇچا ناھىيەلىك دوختۇرخانىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان دوختۇرخانا قوغداش خادىمى تاھىر ھەسەننىڭ تېلېفوندىن چاتاق چىققانلىقى ئۈچۈن، يەنى ئاتالمىش «خەتەرلىك كىشىلەر» بىلەن تېلېفونلاشقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما بۇ خادىم تاھىر ھەسەننىڭ ئېنىق قاچان تۇتۇلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە كۇچا ناھىيەلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. «تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكى» نىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتىدىن قارىغاندا، تاھىر ھەسەننىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرى ياكى يىل ئوتتۇرىلىرى تۇتۇلغانلىقى مەلۇم. كۇچادىكى مەلۇم بىر دۆلەت ئامانلىق خادىمى تاھىر ھەسەننىڭ تۇتۇلغىنىغا بىر يىل بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە تاھىر ھەسەننىڭ چەتئەل بىلەن تېلېفونلاشقىنى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مۇھاجىرەتتىكى كۇچالىقلاردىن بىرى تۈنۈگۈن دوختۇر تاھىر ھەسەننىڭ كۇچادىكى ئەڭ تەجرىبىلىك ئاشقازان دوختۇرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ دوختۇرخانا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە چوڭ بىر بوشلۇق ياراتقانلىقى، دوختۇرخانا مەسئۇللىرىنىڭ ناھىيە رەھبەرلىرىگە كاپالەتنامە يېزىپ بېرىش ئارقىلىق تاھىر ھەسەننى لاگېردىن ئېلىپ چىققانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەنمىدى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ ئىچكى ماتېرىياللىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگو ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نى «باشقۇرۇش» تا «مەكتەپتەك ئوقۇتۇش، ھەربىي گازارمىدەك چىڭ تۇتۇش ۋە تۈرمىدەك مەخپىي تۇتۇش» نى تەشەببۇس قىلغان ئىكەن. شۇڭا دوختۇر تاھىر ھەسەننىڭ دوختۇرخانىنىڭ ئارىلىشىش بىلەن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقى ئېھتىمالدىن ئۇزاق كۆرۈلمەكتە.