تاھىر مۇتەللىپ: «مەن لاگېرغا قارشى ھەرىكىتىمنى ھەرۋاقىت ئۆزگىچە شەكىلدە داۋاملاشتۇردۇم»

قەشقەردىكى ئىسىمشۇناس تەتقىقاتچى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى دادىسىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى دادىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. 2018-يىلى دېكابىر، گېرمانىيە.
قەشقەردىكى ئىسىمشۇناس تەتقىقاتچى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى دادىسىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى دادىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. 2018-يىلى دېكابىر، گېرمانىيە. (Suretni Tahir Mutellip Qahiri teminligen)

0:00 / 0:00

رادىيومىز تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى»، «ئەرەب تىلىنى مۇئەللىمسىز ئۆگىنىش» قاتارلىق كىتابلارنىڭ تۈزگۈچىسى، «قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، پېنسىيىگە چىققان پېشقەدەم مائارىپچى ۋە ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى بۇلتۇر، يەنى 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى دەلىللەنگەن ئىدى.

مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ گېرمانىيىدىكى ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرىمۇ 2018-يىلى17-دېكابىر كۈنى رادىيومىز ۋە باشقا خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، دادىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىسىملىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ دائىرىلەرنىڭ دادىسىنى «ئەرەب تىلى قىزغىنلىقى ۋە دىنىي كەيپىيات يۈكسەكلىكى پەيدا قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش گۇمانى» بىلەن تۇتقۇن قىلغانلىقىنى «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش قىلمىشى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

بۇ يىل 3-ئايدا تاھىر مۇتەللىپ يەنە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ 4 ئايدىن كېيىن، يەنى 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 1‏-كۈنى، 17 ئايدىن بېرى ئالاقىسى ئۈزۈلگەن دادىسى بىلەن ۋىدىيولۇق كۆرۈشۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، تاھىر مۇتەللىپ قاھىرىنىڭ ئىلگىرىكى مەزگىللەردە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر مەزگىل جانلانغان دادىسى ھەققىدىكى پائالىيەتلىرىگە دائىر خەۋەرلەر يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە ئازايغان ئىدى. 19-سېنتەبىر كۈنى تاھىر مۇتەللىپ نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» دا قايتىدىن گۇۋاھلىق بېرىپ، ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تېلېفوندا كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقان دادىسى بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ يەنە ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىدىن دادىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇنداقتا، تاھىر مۇتەللىپ قاھىرىنىڭ دادىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ھەققىدە قايتا گۇۋاھلىق بېرىشىگە نېمە سەۋەب بولدى؟ تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى دادىسى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى نورماللاشقاندىن كېيىن بىر مەزگىل سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللىغانمىدى؟ ياكى ئۇ بۇ مەزگىلدە ئۆزگىچە ئۇسۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن لاگېرلارنى تاقاشنى تەلەپ قىلىپ كەلدىمۇ؟

تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى 20-سېنتەبىر كۈنى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 19-سېنتەبىر كۈنى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» دا قايتىدىن گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۆزىنىڭ 6 ئايدىن بۇيانقى ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.