27-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى 11 يىلدىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان 48 ئۇيغۇردىن 40 كىشىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار غەزەپلىنىپ نامايىش ئېلىپ باردى.
شۇ كۈنى كېچىدە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى ساراچخانا باغچە مەيدانىغا يىغىلىپ نامايىش قىلدى، نامايىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى رەئىسى ئىلھان تۇرانلى ۋە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىس ۋەكىلى خالىد مۇھەممەد قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى تايلاندتا قالغان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا چاقىردى.
ئۇلار نامايىش قىلىۋاتقان پەيتلەردە گەرچە باڭكوك مۇساپىرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىچىدىن ئەينەكلىرى توسۇۋېتىلگەن 6 دانە ئاپتوبۇسنىڭ كىرىپ چىققانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلار تارقالغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇچۇر تېخى ئېنىقلانمىغان ئىدى، ئۇيغۇرلار ئاخىرغىچە ئۈمىدنى كەسمەستىن بىر خۇش خەۋەرنىڭ كېلىشىنى كۈتەتتى. 27-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 40 ئۇيغۇرنىڭ تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىك ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى.
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن يەنە بىر گۇرۇپپا كىشى كېچىچە ئوخلىماستىن ئەنقەرەگە بېرىپ تايلاندنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى ۋە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما بۇ تەلەپلەر جاۋابسىز قالدى.
يەنە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ چاقىرىقى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ نارازىلىق نامايىشى ۋە بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار بىردەك، «زالىملار ئەلۋەتتە ھېساب بېرىدۇ»، «كوممۇنىست خىتايغا لەنەت بولسۇن»، «شى جىنپىڭغا لەنەت بولسۇن»، «تۈركىيە ئۇخلىما، قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە بول» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.
نامايىش جەريانىدا ئىستانبۇلدىكى مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ھەمكارلىشىۋاتلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: «تايلاند شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قېنى بىلەن قوللىرى بويالغان بىر دۆلەت. ئۇلار 2015-يىلى، خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ، تاغدەك مۇشەققەتلەردىن ئېشىپ تايلاندقا كەلگەن بىگۇناھ ئۇيغۇرلاردىن 109 كىشىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنىدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ قىيىن-قىستاقلىرىغا ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىدى. ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ھېچ قانداق مەلۇمات يوق. مانا ئەمدى يەنە 48 شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ تۈنۈگۈن كېچە خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق. تايلاند بۇ قىلمىشلىرى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ھەمكارلاشقان بولدى».

دوكتور ئالىمجان بۇغدا دۇنيا جامائىتىنى تايلاندتىن ھېساب سوراشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «تايلاند ھۆكۈمىتى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. بىز باشتا ب د ت بىخەتەرلىك دائىمىي كومىتېتى، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ياۋروپا ۋە ئىسلام ئەللىرى قاتارلىق دۆلەت ۋە تەشكىلاتلاردىن تايلاندنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى سوراشنى تەلەپ قىلىمىز».
نامايىشتا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىلدان قادىئوغلى سارىياشار خانىم تايلاند ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: «تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇن، كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىلىرىنى ۋە ئىنسانلىق قىممەت قاراشلىرىنى دەپسەندە قىلىپ 48 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. بۇ بىر قايتۇرۇش بولماستىن بەلكى بىر ئۆلۈم پەرمانىدۇر، بۇ ئۇلارنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش ئەمەس بەلكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا، قىيىن-قىستاق كامېرلىرىغا ۋە زىندانلارغا يولغا سېلىشتۇر. بۇ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى بىر ھۇجۇم بولماستىن بەلكى بىر مىللەتنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىغا، ئەركىنلىكىگە ۋە ياشاش ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشتۇر. ھالبۇكى تايلاند ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ۋەدە بەرگەن ۋە پاناھلىق تەلەپ قىلغۇچى مۇساپىرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇشنى چەكلىگەن خەلقئارا قانۇن كېلىشىملەرگە قول قويغان بىر دۆلەت ئىدى، بىراق قويغان ئىمزالارغا ۋە بەرگەن ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلدى».
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 27-فېۋرال كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
باياناتتا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا بۆلۈمى دىرېكتورى Elaine Pearson مۇنداق دېگەن: «تايلاندنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى، تايلاندنىڭ دۆلەت قانۇنى ۋە خەلقئارالىق قانۇندىكى مەجبۇرىيىتىگە ئېنىق خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر، بۇ كىشىلەر ئەمدى خىتايدا قىيناش، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى خەۋپىگە دۈچ كەلمەكتە».
«تايلاند دۆلىتى» تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇ قېتىملىق قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى تايلاند دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىلەن خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىرلىكتە ئىجرا قىلغانلىقىنى، 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ، قالغان 8 ئۇيغۇرنى تايلاند قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
تايلاند ھۆكۈمىتى 2015-يىلى 7-ئايدا خىتاينىڭ بېسىمىدىن قېچىپ تايلاندقا كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 109 كىشىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.