ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان قەمەرنىساخان ئابدۇراھمان ئائىلىسنىڭ پاجىئەسى

ئۈرۈمچىدە 24-نويابىر بىناغا تۇتاشقان ئوت ئاپىتىدە 19-قەۋەتتە قازا قىلغان (سولدىن) 13 ياشلىق شەھىدە، 5 ياشلىق نەھدىيە، ئۇلارنىڭ ئانىسى 48 ياشلىق قەمەرنىساخان ئابدۇراخمان ۋە 9 ياشلىق ئابدۇراخمان.
ئۈرۈمچىدە 24-نويابىر بىناغا تۇتاشقان ئوت ئاپىتىدە 19-قەۋەتتە قازا قىلغان (سولدىن) 13 ياشلىق شەھىدە، 5 ياشلىق نەھدىيە، ئۇلارنىڭ ئانىسى 48 ياشلىق قەمەرنىساخان ئابدۇراخمان ۋە 9 ياشلىق ئابدۇراخمان. (Oqurmen teminligen)

0:00 / 0:00

11-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك رايونى «جىشاڭيۈەن» ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى بىر بىناغا ئوت كېتىپ، كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرمۇنچە ئادەمنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئوت ئاپىتىدە ئوت 15-قەۋەتتىن باشلىنىپ 19-20-قەۋەتلەرگىچە تۇتاشقان. ئوت 3 سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا ئاران ئۆچۈرۈلگەن.

ئۈرۈمچىدە 24-نويابىر يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان (سولدىن) 11 ياشلىق ئىمرام ۋە 13 ياشلىق شەھىدە.
ئۈرۈمچىدە 24-نويابىر يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان (سولدىن) 11 ياشلىق ئىمرام ۋە 13 ياشلىق شەھىدە. (Oqurmen teminligen)

بۇ ئوت ئاپىتىدە 19-قەۋەتتىكى ئۆيىدە تۆت بالىسى بىلەن بىللە كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن قەمەرنىساخان ئابدۇراھمان ئائىلىسىنىڭ پاجىئەسى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى تراگېدىيەسىنى تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلەندۈرگەن. مەرھۇم قەمەرنىساخان ئابدۇراھماننىڭ شاراپەت ۋە مۇھەممەد ئسىملىك ئىككى بالىسى تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئانىسىنىڭ ۋە كىچىكى بەش ياش، چوڭى 13 ياشلىق بولغان ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن كۆرگەن. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئۇلارنىڭ دادىسى ۋە چوڭ ئاكىسى 2016-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە 2017-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئايرىم-ئايرىم لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن.

مەرھۇم قەمەرنىساخان ئابدۇراخماننىڭ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان شاراپەت ۋە مۇھەممەد ئىسىملىك ئىككى پەرزەنتى. 2022-يىلى، ئىستانبۇل.
مەرھۇم قەمەرنىساخان ئابدۇراخماننىڭ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان شاراپەت ۋە مۇھەممەد ئىسىملىك ئىككى پەرزەنتى. 2022-يىلى، ئىستانبۇل.

شاراپەت ۋە مۇھەممەدنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ بۈگۈنكى پروگراممىسىغا تەكلىپ قىلدۇق. سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

تاجسىمان ۋىرۇس قامىلى مەزگىلىدە، 24-نويابىر ئوت كېتىپ ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن بىنا. 2022-يىلى 25-نويابىر، ئۈرۈمچى.
تاجسىمان ۋىرۇس قامىلى مەزگىلىدە، 24-نويابىر ئوت كېتىپ ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن بىنا. 2022-يىلى 25-نويابىر، ئۈرۈمچى. (Social Media)