كۇچادا نەمۇنىچى ئوقۇتقۇچى مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ 11 ئايدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

تېخى بىر يىلنىڭ ئالدىدا كۇچا ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يىغىن زاللىرىدا مۇكاپاتلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى تور ئارخىپلىرىدا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئوقۇتقۇچى مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ 11 ئايدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

فېيسبۇكتا ئۇيغۇرىيە ئالپ نامىدىكى بىرەيلەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۇچا ناھىيەلىك 4‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نەمۇنىچى ئوقۇتقۇچىسى مەمەتتۇرسۇن دائىم، بۇلتۇر 4 ‏-ئايدا نامەلۇم سەۋەب بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن. فېيسبۇكتىكى بۇ ئۇچۇردا مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ 2019 ‏-يىلى 3 ‏-ئايدا مەزكۇر مەكتەپتىكى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سۈرىتى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردىكى سۈرەتلەردىن بىرىدە ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرەپ لېنتىسى تاقالغان ھالەتتە مەكتەپ مەيدانىدا مۇكاپات ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈشىمۇ بېرىلگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇچا ناھىيەلىك ئارخىپ ئىدارىسى مەمەتتۇرسۇن دائىم ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزنى تەپسىلىي ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ كىشى ھەققىدە ئۆزلىرىدە مەلۇمات يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

ئەمما فېيسبۇكتىكى مەزكۇر ئۇچۇردا قىستۇرۇلغان سۈرەتلەردىكى ئىككى لوزۇنكىدىن مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكى مەلۇم. شۇڭا بىز ئارخىپ ئىدارىسى خادىمىغا ئۇنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن ئۇ مەمەتتۇرسۇن ھەققىدىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۇچا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى كۇچا 4‏-ئوتتۇرا مەكتەپتە مەمەتتۇرسۇن دائىم ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ پەقەت مەمەتتۇرسۇن دائىم ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فېيسبۇكتىكى مەزكۇر ئۇچۇردا مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ 25 يىللىق بىر مائارىپچى ئىكەنلىكى، مائارىپ ساھەسىدىكى تۆھپىكارلاردىن بىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. بىز مەمەتتۇرسۇن دايئىمنىڭ بۇ تەرىپىنى سەمىگە سالغاندىن كېيىن، مەزكۇر مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى مەمەتتۇرسۇن دائىم ھەققىدە ج. خ. تارماقلىرىدىن ئۇچۇر ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىدى. بىز ئۇنىڭغا مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ بىر مائارىپچى ئىكەنلىكى، شۇڭا ئەھۋالنى مائارىپ ئىدارىسىدىن ئۇقۇشنى خالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرگىنىمىزدە ئۇ ئېنىق ھالدا ئۇ بۇ ئۇچۇرنىڭ بىر دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

فېيسبۇكتىكى ئۇچۇردا يەنە مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ خىمىيە دەرسى بېرىدىغانلىقى، ھەر يىلى كۇچادىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىمى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىقتا چىڭ تۇردى.

بۇ ئىدارىدىكى يەنە بىر خادىم مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇ مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە 4‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. مەزكۇر مەكتەپ خادىمىمۇ مەمەتتۇرسۇننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى، ئەمما قايسىي لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

يۇقىرىدا كۇچا ناھىيەلىك 4‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ نەمۇنىچى ئوقۇتقۇچىسى، پارتىيە ئەزاسى مەمەتتۇرسۇن دائىمنىڭ 11 ئايدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.