«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە جازالاش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن H.R. 8124 نومۇرلۇق «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە جازالاش قانۇن لايىھەسى» تۈزۈپ چىقتى.

بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس (Chris Smith) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇزى (Tom Suozzi) تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» نىڭ بىرلەشمە رەئىسلىرىدۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى 2020-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم خانىم تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» دىكى ماددىلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىغا يۈرگۈزۈلگەن جازانى كېڭەيتىشنى ۋە ئۇيغۇر دىياسپوراسىغا بولغان قوللاشنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ تۈزۈلگەن ئىكەن.

دۆلەت مەجلىسىدىكى «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمدا رول ئالغان كىشىلەرنى جازالاشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەردە رول ئويناۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇ تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، تەن جازاسى، سىستېمىلىق باسقۇنچىلىق، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەرنى جازالاشنىڭ ھەممىسىگە تەتبىقلىنىدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە جازالاش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكادىكى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ جازا تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە تۇغۇت چەكلەش سىياسەتلىرىدە رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش، يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھازىرقىدەك سوراقسىز قېلىشىنى بىكار قىلىش ھەمدە چېگرادىن كىرىشى رەت قىلىنغانلارغا ئائىت ئەھۋاللارنى ئاممىغا ئاشكارىلاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە، ئۇيغۇر دىياسپوراسىدىكىلەرگە بولغان ھەر تۈرلۈك قوللاشنى ئاشۇرۇش، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارغا پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ئىشلىرىغا مەبلەغ ئاجرىتىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىدىغان تەشۋىقاتلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىش، ئامېرىكادىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلەش، ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى توسۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

روشەن ئابباس خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ قانۇننىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىنى قارشى ئالدى ۋە بۇنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاياغلاشتۇرۇشتا تېخىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بارلىق ئەزالارنى بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللاشقا ۋە تېزدىن ماقۇللاپ چىقىشقا چاقىرىپ، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىگە شېرىك بولغانلار چوقۇم جازاسىنى تارتىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىرمۇ باياناتتىكى سۆزىدە، «بۇ قانۇن لايىھەسى ‹ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە غۇرۇرىنى قوغداشنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى، ئۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق ئەمەلدارلارغا ئۇلارنىڭ ھامىنى بىر كۈنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى، ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ جىنايەتلەرنىڭ چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال بېرىدۇ» دېگەن.

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە جازالاش قانۇن لايىھەسى» (UGASA) رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىش ئۈچۈن بىر قاتار جەريانلار كەتسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەگە تەۋە بولغان ئەزالارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ بەرمەكتە.