ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىنى جازالىدى

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن. (Photo: RFA)

0:00 / 0:00

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن، يەنى 22-مارت كۈنى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلىكتە خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇلار دۇنياغا بۇنداق قىلمىشلارنىڭ مەيلى ئۇ كىم تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جازاسىز قالمايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى.

22-مارت كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا رولى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جۈنجېڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگۇدىن ئىبارەت يەنە ئىككى نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى «يەرشارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» ئارقىلىق جازالىدى.

ئوخشاش كۈندە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە ۋە كانادا ئارقا-ئارقىدىن بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا چېتىشلىق بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگو، سابىق نازىرى ۋاڭ مىڭشەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، قوشۇمچە بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ جۈنجېڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرىتارى جۇ خەيلۇن قاتارلىق 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلدى.

Zhu-Hailun_Wang-Mingshan_Wang-Junzheng_Chen-Mingguo.jpg
ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا چېتىشلىق بولغانئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرىتارى جۇ خەيلۇن قاتارلىق 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن بۈگۈن بۇ ھەقتىكى مەخسۇس باياناتىدا مۇنداق دېدى: «خەلقئارادىكى ئەيىبلەشلەر كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان پەيتتە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭدا داۋاملىق ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا. ئامېرىكا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ھەم دىننىي ئاز سانلىقلار ئەزالىرىنى باستۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا، جازا لاگېرلىرى ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە يەنە بىر قېتىم چاقىرىدۇ.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز بۈگۈن بۇ ھەرىكەتنى ئەنگىلىيە، كانادا ۋە ياۋروپا بىرلەشمىسىدىكى شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىشىپ قىلدۇق. بۈگۈنكى ئورتاق ھەرىكىتىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە شېرىك دۆلەتلىرىمىز شىنجاڭ ۋە باشقا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكلەر ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جازالىدى. مانا بۇ ھەرىكەتلەر بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىدىكى بۇ ۋەھشىيلىككە مەسئۇل كىشىلەرنى ئاشكارىلاشتەك كۆپ تەرەپلىك خىزمەت قىلىش ئىرادىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئامېرىكا ‹يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنى› ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق بۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۈچلۈك رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ۋەدە بېرىدۇ.»

ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دومىنك رائاب بۈگۈن پارلامېنتتا قارارنى ئېلان قىلغاندا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەت، ئامېرىكا ۋە كانادا بىلەن بىرلىكتە جۈملىدىن 30 دۆلەت بۇ ئورتاق ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق خىتايغا ئېنىق ۋە كەسكىن قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنىۋاتقان بۇنداق ئېغىر زۇلۇمغا ھەرگىز سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدۇ. بىز چوقۇم مەسئۇلىيىتى بارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىمىز،» دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى BBC تېلېۋىزىيەسىدە نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئورتاق ھەرىكەت بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق تەرەپلەرنى خۇرسەن قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۈگۈن رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلارنىڭ قارارىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا 27 دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ قارارنىڭ پۈتۈن جۈملىدىن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدا ئىننتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يازما باياناتىدا «بۇ جازا ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي كومپارتىيەسىگە ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جازاسىز قالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. پەقەت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كونكرېت ھەرىكەتلەر ئارقىلىقلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختاتقىلى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغىلى بولىدۇ،» دېيىلدى.

بۈگۈنكى جازا تەدبىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. نۇرغۇن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى تىۋىتتېر ئىنكاسلىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە كانادانىڭ ئورتاق ھەرىكىتىنى «ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر غەلىبىلىك ھەمكارلىق بولدى،» دەپ تەرىپلىدى.

ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنى ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرىي تۈركەل بۈگۈن رادىيومىزغا يازما بايانات ئەۋەتىپ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارىنى قارشى ئالدى. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىز ئۇزۇندىن بۇيان كۈتكەن بۇ قارارنى قارشى ئالىمىز. ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلاردىن ئورۇن ئالماسلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۆز تارىخىدا فاشىزىم، ناتسىزىم ۋە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش تىرىشچانلىقىغا رەھبەرلىك قىلىشى كېرەك.»

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى 27 دۆلەتنىڭ بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەرىكىتى خىتاي تەرەپنى قاتتىق ساراسىمگە سالغان بولسا كېرەك، ئۇلار بۇنىڭغا دەرھال ئۆچ ئېلىش خاراكتىرىدىكى ھەرىكەت بىلەن جاۋاب قايتۇردى. ئۇلار «خىتاي ھەققىدە يالغان ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى يامان غەرەزدە تارقاتقان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ، ياۋروپادىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئادرىيان زېنز قاتارلىق تەتقىقاتچىلاردىن تەركىب تاپقان 10 كىشىگە ۋە شۇنداقلا ياۋروپا كېڭىشى سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتى، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتى، گېرمانىيە مېركات تەتقىقات مەركىزى، دانىيە دېموكراتىك ئىتتىپاق فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق 4 ئورۇنغا جازا تەدبىرى قويغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇلار باياناتىدا يەنە تەھدىت ئارىلاش «خىتاي ياۋروپا تەرەپنى خاتالىقنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىشقا، ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە، خاتالىقنى تۈزىتىشكە، كىشىلىك ھوقۇق دەرسى بېرىشنى توختىتىشقا، ئىككى خىل ئۆلچەمنى بىكار قىلىشقا چاقىرىدۇ، بولمىسا خىتاي تېخىمۇ قەتئىي ئىنكاس قايتۇرىدۇ،» دېگەن.

بىراق خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى نەنتەكلىك دەپ باھالىدى. نۇرغۇن ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى تەنقىد قىلدى ۋە «ياۋروپا ئۆز قىممەت قاراشلىرىدا چىڭ تۇرىدۇ،» دەپ تەكىتلىدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى داۋىد ساسسولى بۈگۈن تىۋىتتېردىكى ئۇچۇرىدا خىتاينىڭ ھەرىكىتى بەدەلسىز قالمايدۇ، دېدى. ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرىغا يۈرگۈزگەن جازاسىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، خىتاي بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ. بۇ ئورۇنلار ۋە شەخسلەر ئۆزىنىڭ دېموكراتىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالاندى. ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق دېگەن كەم بولسا بولمايدىغان ھوقۇقتۇر،» دەپ يازدى.

خىتاي جازا تەدبىرى ئېلان قىلغان شەخسلەرنىڭ بىرى بولغان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز: «خىتاي بۇ ھەرىكىتى بىلەن يەنىمۇ زور قارشىلىق پەيدا قىلدى» دېدى. ئۇ بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ئەمەلىيەتتە خىتاي بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ زور زەربە بەردى، مەنچە ئۇ تېخىمۇ زور قارشىلىققا، نارازىلىققا ئۇچرايدۇ، خىتاي ئۆز قولى بىلەن ياۋروپا-خىتاي دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە زور زىيان يەتكۈزدى،» دېدى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكىن بولسا بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا «ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان ئورتاق ئىنكاس خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىرىگە كۈچلۈك سىگنال بېرىدۇ. بىز شېرىكلىرىمىز بىلەن ماسلىشىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرىكەت قوللىنىمىز. بىز دۇنيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن داۋاملىق ھالدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى جىنايى قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىمىز،» دېدى.