ماركو رۇبىيونىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى 17-ئۆكتەبىردىن 22-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلىدۇ. ھىندىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ سەپەر داۋامىدا ئۇ ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ سەمەرقەنتتە ئامېرىكا بىلەن تۈركىستاندىكى بەش دۆلەت قاتنىشىدىغان C5+1 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ؛ بۇ جەرياندا، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. رۇبىيونىڭ سەپىرىدە 200 دىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق سودا-سانائەت ۋەكىلى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىلەرنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ماركو رۇبىيونىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەرەپلەر بىلەن سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېمىلار قاتارىغا كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە قۇرۇلتاي نامىدىن ماركو رۇبىيونىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلماسلىقىنىڭ قەتئىي كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قاناتمۇ 15-ئۆكتەبىر كۈنى ”دىپلومات“ «The Diplomat» ژۇرنىلىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، رۇبىيونى ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا ۋە تۈركىستان دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى. ئۇ ئوبزورىدا تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆچ ئېلىنىشتىن قورقۇپ سۈكۈت قىلىشقا، بەزىلىرىنىڭ بولسا يوشۇرۇن ياشاشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇبىيونى بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئوڭشىلىشى ئۈچۈن رايون رەھبەرلىرىگە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەشكە چاقىردى.
ئوبزوردا ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدىكى ئاشكارا چاقىرىقلىرى ئۈلگە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىندى. ئوبزوردا يەنە 2025-يىلى فېۋرالدا، تايلاند 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماقچى بولغاندا، ماركو رۇبىيونىڭ تايلاندنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغانلىقى، ئەمما بۇ چاقىرىقنىڭ ئەينى چاغدا ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ ساۋاق سۈپىتىدە ئەستە تۇتۇلۇشى كېرەكلىكى، بۇ خىل پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار دۆلەتلەرگە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىشى ۋە تېگىشلىك تەدبىر ئېلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
