غۇلجا ناھىيەسىدە يۈزگە يېقىن ساقچى ئۆزئارا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكەنلىكتىن ئىشتىن ھەيدەلگەن
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەشۋىقاتىدا يېقىنقى ئىككى يىلدا خىتايچە ئۆگىتىش كۆپلەپ كۆزگە چېلىقماقتا. 11-ئۆكتەبىر كۈنى تارقالغان بىر سىن ئۇچۇرىدا يۈزلەرچە كىشى توپلانغان بىر زالدا، مەلۇم بىر خادىمنىڭ سەھنىدە قاتار تۇرغان كىشىلەرگە ۋارقىراپ تۇرۇپ خىتايچە ئۆگىتىۋاتقان ھالىتى كۆرۈلىدۇ.
بىر تىل ياكى مەدەنىيەت كۇرسىدىن كۆپرەك، بىر سىياسىي كۈرەش يىغىنىنى ئەسلىتىدىغان بۇ سەھنىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى يېقىنقى 10 يىلنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، يەنى لاگېرلار يېڭىدىن كېڭەيگەن مەزگىلىدە، سىياسىي ئۆگىنىشلەردە مەسىلە تاپشۇرۇش ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكى؛ كېيىنچە، خىتاي كومپارتىيە تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى ئۆگىنىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىقى؛ بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، خىتاي تىلى ئۆگىنىش بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتايچە بىلمەسلىك بىر مائارىپ ياكى مەدەنىيەت سەۋىيە مەسىلىسى ئەمەس، دۆلەتكە بولغان ساداقەت مەسىلىسى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكتىن قۇتۇلالماسلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالغان.
غۇلجا ناھىيەسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، ئۆزى ئىشلەۋاتقان ساقچىخانىدا ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر كۆپ ساندا بولسىمۇ ئۆزئارا خىتايچە گەپ قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە شۇ ساقچىخانىدا ئۆزئارا ئۇيغۇرچە سۆزلەشكەن سەككىز نەپەر ساقچىنىڭ ئىشتىن ھەيدەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە بۇ خىل ئاقىۋەتكە قالغانلارنىڭ ناھىيە بويىچە يۈزگە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
مۇھاجىرەتتىكى سابىق ساقچى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرىكى يىللاردا، ئۇيغۇر ساقچىلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ساقچىخانىلاردا، ساقچىلارنىڭ ئۆزئارا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشىگە يول قويۇلۇپلا قالماي، بەلكى رەسمىي يىغىنلارمۇ ئۇيغۇرچە ئېچىلغان، ھۆججەت-ئۇقتۇرۇشلارمۇ ئۇيغۇرچە تارقىتىلىپ كەلگەن.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ماركو رۇبىيونى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونى يېقىندا تۈركىستاندىكى بەش دۆلەت رەھبىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشتىن قوغداش ھەققىدە ۋەدە ئېلىشقا چاقىرماقتا.
ماركو رۇبىيونىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى 17-ئۆكتەبىردىن 22-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلىدۇ. ھىندىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ سەپەر داۋامىدا ئۇ ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ سەمەرقەنتتە ئامېرىكا بىلەن تۈركىستاندىكى بەش دۆلەت قاتنىشىدىغان C5+1 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ؛ بۇ جەرياندا، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. رۇبىيونىڭ سەپىرىدە 200 دىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق سودا-سانائەت ۋەكىلى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت بۈگۈن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىلەرنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ماركو رۇبىيونىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەرەپلەر بىلەن سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېمىلار قاتارىغا كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە قۇرۇلتاي نامىدىن ماركو رۇبىيونىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلماسلىقىنىڭ قەتئىي كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قاناتمۇ 15-ئۆكتەبىر كۈنى ”دىپلومات“ «The Diplomat» ژۇرنىلىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، رۇبىيونى ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا ۋە تۈركىستان دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى. ئۇ ئوبزورىدا تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆچ ئېلىنىشتىن قورقۇپ سۈكۈت قىلىشقا، بەزىلىرىنىڭ بولسا يوشۇرۇن ياشاشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇبىيونى بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئوڭشىلىشى ئۈچۈن رايون رەھبەرلىرىگە مەسلىھەت كۆرسىتىشكە چاقىردى.
ئوبزوردا ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق ھەققىدىكى ئاشكارا چاقىرىقلىرى ئۈلگە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىندى. ئوبزوردا يەنە 2025-يىلى فېۋرالدا، تايلاند 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماقچى بولغاندا، ماركو رۇبىيونىڭ تايلاندنى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغانلىقى، ئەمما بۇ چاقىرىقنىڭ ئەينى چاغدا ئۈنۈم بەرمىگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ ساۋاق سۈپىتىدە ئەستە تۇتۇلۇشى كېرەكلىكى، بۇ خىل پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار دۆلەتلەرگە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىشى ۋە تېگىشلىك تەدبىر ئېلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
بېلگىيەدىكى بۇ يىللىق كىتاب تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە «ئۇيغۇر چۈشى»نى تاللىدى
بېلگىيەنىڭ فلاندرىيە رايونىدىكى فلاندرىيە قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى PEN Vlaanderen ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق كىتاب تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىكى بەش مۇھىم كىتابنىڭ بىرى سۈپىتىدە گوللاندىيەدىكى ياش پائالىيەتچى ئەخمەتجان قاسىم تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتابنى تاللىدى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە خادىمى ئېللېن ۋان پېلت خانىم كىتابنىڭ تاللىنىش سەۋەبى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا ئەلخەت ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، ئەمما بېلگىيەدە بەك كۆپ بىلىنمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا، «ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇرماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ تەشكىلاتنىڭ 15-نويابىر تۈرمىدىكى يازغۇچىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغان بۇ پائالىيىتىگە ھازىرغىچە 21 كىتابخانا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاۋاز قوشقان، تەشكىلات يەنە كۇتۇپخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ پائالىيەتتە ئەڭ مۇھىم بەش كىتابنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق، تۈرمىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت تارتىشنى مەقسەت قىلغان.
«ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، گوللاندىيەدىكى ياش پائالىيەتچى ئەخمەتجان قاسىم مەزكۇر كىتابىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇش ئەھۋالى ھەققىدە ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىگە ئاساسەن يېزىپ چىققان. ئەخمەتجان قاسىم بۇ كىتابنىڭ بىر ھېكايىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ دۇنياغا بىلىنىشىدە ئاز بولسىمۇ ھەسسىسى قېتىلىدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فلاندرىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر تەشكىلات 1930-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىدۇر. ئۇ بۇلتۇرقى كىتاب تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە مەھبۇس يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئارقا كوچا» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرغان ئىدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئورگان ئەتكەسچىلىكىگە قارشى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشقا چاقىرىلدى
پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى روبېرت پ. جورج خىتايدا زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەردىن مەجبۇرىي ئورگان ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنى بۇ خىل قىلمىشقا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاشقا چاقىردى. ئۇ ماقالىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار قاتارىدا ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ئورگان ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ۋە رايون ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىڭ ئىزچىل دىققىتىنى تارتماقتا. جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا ئاۋام پالاتاغا قانۇن لايىھەسى سۇنۇپ، ئورگان ئەتكەسچىلىكىنى قاتتىق چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. H.R.1503 نومۇرلۇق بۇ لايىھە ئاۋام پالاتادا مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان. ئەمما كېڭەش پالاتادا تا ھازىرغىچە مۇزاكىرىگە قويۇلماي كەلگەن ئىدى. پروفېسسور روبېرت پ. جورج 14-ئۆكتەبىر كۈنى «ۋاشىنگتون پوچتىسى»دا ماقالە ئېلان قىلىپ، مەزكۇر لايىھەنى دەرھال مۇزاكىرىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى چۈشەندۈردى.
پروفېسسور روبېرت جورج ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىسسىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى بولۇپ، ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلارچە كىشىنىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلەردە بولۇشى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم ئىكەنلىكى سەۋەپلىك بۇ كىشىلەرنىڭ بەدەن ئورگانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئېلىنىش ۋە ئوغرىلىنىشقا قولايلىق شەكىللەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
مودا ناخشىچى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ يېڭى ناخشىسى بىلەن تاراتقۇلاردا قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى
2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي 11 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان داڭلىق ئۇيغۇر مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ (AJ) يېڭى مۇزىكىلىق ۋىدىيوسى، قايتا پىششىقلانغان ناخشا ئالبومى ۋە تونۇش-بىلىشلىرى ئورتاقلاشقان ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سەككىز يىلدىن كېيىن قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئالدىنقى ھەپتە، «ئابلاجان AblajanAwutAyup» ناملىق ئۈندىدار ھېسابىدا ئابلاجاننىڭ تەخمىنەن ئۈچ مىنۇت ئۇزۇنلۇقتىكى يېڭى خىتايچە ناخشىسى «مۇكەممەل» (完美) نىڭ ۋىدىيلۇق نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان. ئارقىدىنلا، بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ھەمكارلاشقان ناخشىچى گۈلمىرە تۇرغۇن ئۈندىدار ھېسابىدا ئابلاجان بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتىنى چىقىرىش بىلەن بىرگە: «يېرىم يىل بۇرۇن چۈشكەن رەسىمنى ئەمدى يوللايدىغان ۋاقىت كەپتۇ، يېڭى ناخشىلارغا مۇبارەك بولسۇن، تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولسۇن، ئابلاجان" دەپ يازغان. 3-ئۆكتەبىر «ئابلاجان مودا ناخشا گورۇپپىسى» ناملىق ھېساب ئۇنىڭ بۇرۇنقى 12 ناخشىسىنىڭ ئاۋاز جەھەتتىن قايتا ئىشلەنگەن ئالبۇمىنى تارقاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن ئابلاجاننىڭ بۇ يىل ئەتىيازدا تۈرمىدىن چىققانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
تۇتقۇن قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئابلاجان كۆپلىگەن مودا ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ناخشلىرى ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «ئانا يۇرت»، «مەشرەپ»، «ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟» قاتارلىق ناخشىلىرى كەڭ تارقالغان. 2017-يىلى مارتتا، ب ب س نىڭ زىيارىتىدە ئابلاجان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چوڭ تۇتقۇن باشلىنىپ تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىن، يەنى 2018-يىلى مايدا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇنىڭ شۇ يىلى فېۋرالدا ئەسلى يۇرتى گۇما ناھىيەسى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تەھقىقلىگەنىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ 11 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان، ئەمما نېمە سەۋەپتىن جازالانغالىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئاشكارا ۋە ئىشەنچلىك ئۇچۇر تارقالمىغان.
ھالبۇكى، ئابلاجان تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بەزى ناخشلىرىمۇ چەكلەنگەن. 2024- يىلى دېكابىردا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئاممىۋىي يىغىندا، ساقچى دائىرىلىرى ئاۋامغا ئېلان قىلغان يۈزدىن ئارتۇق چەكلەنگەن ئۇيغۇرچە ناخشىلار ئىچىدە ئابلاجاننىڭ «ئانا يۇرت» ناملىق ناخشىسى تىلغا ئېلىنغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن گەرچە بۇ ناخشىچىنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقى جەزملەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ”ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولغان“ دەپ ئەيىپلەندى
9-ئۆكتەبىر، 2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىلىق ئىنسان ھەقلىرى قانۇنشۇناسى، ب د ت سابىق ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى ناۋى پىللاي (Navi Pillay) غا بېرىلگەنلىكى جاكارلاندى. ئەمما بۇ قارار دەرھاللا ئېغىر تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولدى.
جەنۋەگە جايلاشقان «ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى» (UN Watch) 10-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، ب د ت نىڭ سابىق خادىمى، ئىنسان ھەقلىرى ئادۋۇكاتى ئېمما رەيلى (Emma Reilly) نىڭ ئەيىبلىشىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، پىللاي ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە (2008-2014)، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئورگاننىڭ ب د ت ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىدا خىتاينى ئەيىپلىگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەمىنلىگەنلىكىنى ھەمدە بۇ قىلمىشنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
10-ئۆكتەبىر ئېمما رەيلى ئۆزىنىڭ ئېكىس ئاككونتىدا ناۋى پىللاينى ”ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولغان“ دەپ ئەىپلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئېمما رەيلى 2013-يىلىلا بۇ مەسىلىنى پاش قىلىشقا باشلىغان. ئارقىدىن ئاشكارىلانغان ب د ت نىڭ ئىچكى ئېلخەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايغا تەمىنلەنگەن تىزىملىكتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شۇ چاغدىكى رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان دولقۇن ئەيسانىڭ ئىسىمى بار ئىكەن.
«ب د ت نى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ھىللېل نوئېر (Hillel Neuer) نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئېغىر ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان بىر كىشىگە تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكىگە سۇئال قويۇپ، نوبېل كومىتېتىدىن ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى بولسا مۇكاپاتلاش باياناتىدا، پىللاينىڭ خەلقئارا قانۇن، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ھەمدە ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئۇزۇن يىل ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئۈچۈن مۇكاپاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىرچە، پىللاينىڭ بىۋاسىتە بۇ تىزىملىكلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەمىنلەشكە بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئاشكارا دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ئۇنىڭ ئۆزى ۋە نوبېل كومىتېتىمۇ بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارىتا ئېنىق ئىنكاس قايتۇرمىدى.
ئافغانىستان ۋاخان كارىدورى تاشيولىنى پۈتتۈردى، ئەمما خىتاي چېگرانى ئاچمىدى
ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى 4-ئۆكتەبىر ئافغانىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان ۋاخان كارىدورى تاشيولىنىڭ رەسمىي پۈتۈپ قاتناش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، بىراق خىتاي تەرەپ چېگرا ئېغىزىنى ئاچمىغاچقا، بۇ يول ھازىرچە چېگرا ھالقىغان قاتناش رولىنى تېخى ئوينىيالمىدى.
ئافغانىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 121 كىلومېتىر بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ بەدەخشان ئۆلكىسى ۋاخان رايونىدىن باشلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىدىكى خىتاي چېگراسىغىچە سوزۇلىدىكەن. تالىبان ھۆكۈمىتى بۇ يول ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان سودىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە تۇتىشىدىغان ئەنئەنىۋى سودا يوللىرىغا بولغان تايىنىشنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
ۋاخان كارىدورى ئافغانىستان بىلەن خىتاي بىۋاسىتە چېگرىلىنىدىغان بىردىنبىر رايون بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي ئۇچى ۋاخجىر ئېغىزى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقورغان ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.
ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ 8-ئۆكتەبىر خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ چېگرا يولىنى ئېچىشنى ئارقىغا سوزۇشى ئاساسلىقى بىخەتەرلىك ئەندىشىسىدىن بولۇپ، ئۇلار ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ۋاخان كارىدورى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ خىتاي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، تالىباندىن بۇ تەشكىلاتقا قارشى تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. 2025-يىلى ئاۋغۇستتا، خىىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغاندا، تالىباندىن بۇ تەشكىلاتقا زەربە بېرىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلغانىدى.
ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى تېررورلۇققا چېتىشلىق ئالاھىدە تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى سۈپىتىدە ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ تەشكىلاتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچلىك پاكىتنىڭ يوقلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. بىراق بۇ تەشكىلاتنىڭ نامى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار جازا تىزىملىكىدە يەنىلا ساقلىنىپ تۇرماقتا.
رۇيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 2024-يىلى 2-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تالىبان ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپ بىلەن ۋاخان كارىدورىدا يول ياساش ئارقىلىق، ئافانىستاننىڭ خىتاي ۋە ئىران بىلەن بولغان قاتناش ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن، ئەمما ئەمدىلىكتە بۇ تاشيول پۈتكەن بولسىمۇ، خىتاي چېگرانى ئاچمىغان.
ژۇرنالىست مەمەتجان جۈمە ئوكسفوردنىڭ ژۇرنالىستلار تەتقىقات پروگراممىسىغا تاللاندى
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رويتېرس ژۇرنالىزم تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ 1-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن توققۇز نەپەر ژۇرنالىست بۇ يىللىق تەتقىقات پروگراممىسىغا تاللانغان. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ سابىق مۇخبىرى، ئۇيغۇر بۆلۈمنىڭ سابىق مۇئاۋىن دېرىكتورى مەمەتجان جۈمە بۇ ژۇرنالىستلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
مەمەتجان جۈمە 2025-يىلى كۈزدە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى تاقالغاندا، كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن «ئۇيغۇر خەۋەرلىرى تورى»نى قۇرۇپ چىققان ئىدى. نۆۋەتتە ئۇ بۇ تورنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
مەمەتجان جۈمەنىڭ بۇ قېتىمقى تەتقىقات تېمىسى سۈرگۈندىكى خەلقلەرنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرى توغرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتى ئوكسفوردتا بۇ يىل ئۆكتەبىردىن كېلەر يىلى ئاپرېلغىچە داۋام قىلىدۇ. مەمەتجان بۇ جەرياندا ئوكسفوردتا ئېچىلىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرە يىغىنلىرىدا مەزكۇر تەتقىقات تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە بۇ ھەقتە ئىزدىنىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئۇنىڭ تەتقىقات چىقىمىنى تومسون رويتېرس جەمئىيىتى تەمىنلەيدۇ.
